دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئەۋرەزيولى: ياسىلىش باھاسى 3 مىليارد دوللار

网店市场 6月前 1346

ئېلان قۇبۇل قىلىش ئۈندىدارى :  tallabaza123

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

دۇنيادىكى ئەڭ ئاۋات، ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، نوپۇسى 15 مىليوندىن ئاشىدىغان توكيو ئىزچىل دۇنيا ئەھلى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن نەچچە مىليونلىغان ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ توكيونىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى ساياھەت قىلىدۇ. ئەمما، ئاسمان پەلەك بىنالار ئورماندەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان توكيونىڭ يەر ئاستىدا يەنە بىر زور ھەم سىرلىق «يەر ئاستى ئوردىسى» بارلىقىنى كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمىسە كېرەك. 

بۇ زور ھەم سىرلىق «يەر ئاستى ئوردىسى» دەل توكيونىڭ ئەۋرەز يولى سىستېمىسىدۇر، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرى توكيونىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپىدىكى سايتاما ناھىيەسىدە بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى 50 مېتىر كېلىدۇ، ئۇزۇنلۇقى 6.4 كىلومېتىر. بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئىلغار ئەۋرەز يولى ۋە سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى. 

ياپونىيە ئارال دۆلىتى بولغاچقا، ھاۋاسى نەم، ھۆل-يېغىن كۆپ، بولۇپمۇ قارىئۆرۈك يامغۇرى ياكى تەيفېڭ بورىنى پەسىلىدە دەريالارنىڭ سۈيى شىددەت بىلەن ئۇلغىيىپ، ئاسانلا كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ياپونىيە ناھايىتى بۇرۇنلا كەلكۈندىن مۇداپىيەلىنىدىغان زور قۇرۇلۇشلارنى باشلىغان، ھالبۇكى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ، ئەڭ مەشھۇرى يەنىلا توكيونىڭدۇر. 

ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەھەر ئۇل ئەسلىھەسىنىڭ مۇھىم ھالقىسى تەرىقىسىدە، ئەۋرەز يولى قۇرۇلۇشىغا بىر قەدەر كۆپ مەبلەغ سالغان. توكيونىڭ غايەت زور يەر ئاستى سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى، تەيفېڭ بورىنى يامغۇر سۈيىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ قۇرۇلۇش 1992-يىلى باشلىنىپ، 2006-يىلى تاماملانغان، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 3 مىليارد دوللار (تەخمىنەن 20 مىليارد 655 مىليون يۈەن). 

توكيونىڭ غايەت زور يەر ئاستى سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى ئېگىزلىكى 65 مېتىر، كەڭلىكى 32 مېتىر كېلىدىغان 5 دانە تىك قۇدۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تىك قۇدۇقلار دىيامېتىرى 10 مېتىر كېلىدىغان تۇرۇبا بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ئالدىنقى 4 تىك قۇدۇقتىن كىرگەن كەلكۈن ئەۋرەز يولى ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى تىك قۇدۇققا كىرىپ، ئېگىزلىكى 18 مېتىر، ئېغىرلىقى 500 توننا كېلىدىغان 59 تال تۈۋرۈك تىرەپ تۇرغان غايەت زور كۆلچەككە يىغىلىدۇ. 

ئۇزۇنلۇقى 177 مېتىر، كەڭلىكى 78 مېتىر كېلىدىغان بۇ غايەت زور كۆل پەقەت يامغۇر پەسىلىدە ئىشلىتىلىدۇ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ئاممىنىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلىشىغا ئېچىۋېتىلىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ يەر ئاستى كۆلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بۇ تۈۋرۈكلەرنىڭ ئالدىدا بەكلا كىچىكتەك ھېس قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەرنىڭ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىدۇ. شۇڭا، ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ يەرنى «يەر ئاستىدىكى سىرلىق ئوردا» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «يەر ئاستى سىرلىق ئوردىسى» بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپلىگەن كىنولاردا ۋە تىياتىرلاردا ئۆزىنى نامايەن قىلغان. 

بۇ غايەت زور سۇ چىقىرىۋېتىش سىستېمىسىدىن باشقا، ياپونىيە يەنە 1900-يىلى «كونا ئەۋرەز يولى قانۇنى» نى ئېلان قىلىپ، ھاجەتخانىنىڭ سۇدا ئېرىمەيدىغان بىر قىسىم ئەخلەتلىرىنى ئۇدۇللا ئەۋرەز يولىغا قويۇپ بەرمەسلىكنى بەلگىلىگەن، ھالبۇكى بۇ خىل ئەخلەتلەرنى ئالدى بىلەن ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش سىستېمىسىدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشخانىدىن چىققان ماي دېغىنىمۇ ئۇدۇل ئەۋرەز يولىغا قويۇپ بەرمەسلىكنى بەلگىلىگەن. چۈنكى، ماي دېغى يېقىن ئەتراپتىكى ئەۋرەز يولى ئېغىزىدا سېسىق پۇراق پەيدا قىلىدۇ ھەمدە سۇ چىقىرىۋېتىش يولىنى چىرېتىۋىتىدۇ. 

ھازىر، توكيودىكى بۇ ئەۋرەز يولىغا يەر ئاستى ئېكسپېدىتسىيە مۇزېيى ____ ئەجدىھاQ سارىيى تەسىس قىلىپ، ئاۋامنى بۇ غايەت زور يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنى چۈشىنىش، كەلكۈن، دەرياغا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان، بۇنى «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش» دەپ ئېيتىش مۇمكىن. مۇبادا، توكيوغا بېرىش پۇرسىتى بولۇپ قالسا، بۇ يەرنى كۆرمەي كەتمەڭ.

最新回复 (0)
返回
发新帖