چولپانلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرەتلىرى

网店市场 6月前 1647

ئېلان قۇبۇل قىلىش ئۈندىدارى :  tallabaza123

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ياشلىق باھارى شۇنچىلىك گۈزەل، ئەمما كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ. جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆگىنىشتىن باشقا، ساۋاقداشلىق مېھرى تېخىمۇ قىممەتلىك. ساۋاقداشلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ساددا ھەم تاتلىق بولىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ئەڭ ياخشى ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۇسۇلى. پۇشايمان قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، چوقۇم چىرايلىق ياسىنىپ باكلاۋۇرلۇق بۆكىنى ئاسمانغا ئېتىش شۇ گۈزەل پەيتلەرنى يادىمىزدا قالدۇرۇشتۇر.

ئەلۋەتتە، چولپانلارنىڭمۇ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىن ھازىرقىدەك نامغا ئېرىشىشى بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. ئۇنداقتا بىز، ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى.

ياڭ مىنىڭ بۇ سۈرەتتە كۈلۈشى ئىنتايىن تەبئىي ھەم گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزى، ئەتراپىدىكى قىزلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا كىچىك بولۇشىدىن سىرت، تېرىسىمۇ ئاق، قاراشتىن ساددا ھەم چىرايلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىنئاسانلا ياڭ مىنى تاپالايمىز. ھازىر ياڭ مىنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ھەم بۇ سۈرەتتىكى ئوبرازىدىن ئۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزساق بولىدۇ.

جېڭ شۇاڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىدە قاراشتىن ئىنتايىن ئاددىي، ئۇ ۋاقىتتا جېڭ شۇاڭ تېخى ئىش ئۇقمايدىغان يۇۋاش قىز. جېڭ شۇاڭنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىگە گىرىمسىز چۈشۈشىدىن، ئۇنىڭ ئالاھىدە مىجەزىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. سۈرەتتە، جېڭ شۇاڭدىن باشقا يەنە بىر چولپاننى كۆپچىلىك تونۇيالىدىمىكىن؟

جىڭ تيەن، جېڭ شۇاڭ بىلەن بىر سىنىپ بولۇپ، قاراشتىن يېقىملىق ھەم گۈزەل. بىز سۈرەتتىن، بۇ تەبئىي گۈزەلنىڭ ھازىرمۇ ئانچە ئۆزگەرمىگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جىڭ تيەن ئوماق چىرايى بىلەن سۈرەتنىڭ ئالدىدا تۇرغاچقا، سۈرەتتە كۆرۈنۈش تالىشىپ قالغان.

ياڭ ياڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۇسسۇل ئۆگەنگەن. ئۇنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىدىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۇسسۇل نوتىسى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. بىر-بىرىدىن قامەتلىك بەدەن، ئۈمىدۋارلارچە كۈلۈمسىرىگەن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا، ياڭ ياڭ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېنىدا تەمكىن تۇرغان. ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىدىكى ياڭ ياڭ ئورۇق ھەم ئاق بولۇپ، قاراشتىن ئىنتايىن قامەتلىك. ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بويى تەڭ بولۇپ قالغان ياڭ ياڭ، سۈرەتتە ئوقۇتقۇچىسى بىلەن كۆرۈنۈش تالىشىپ قالغان.

جاڭ شۇيىڭنىڭ سۈرىتى كونا بولغىنى بىلەن، سۈرەتتىكى قىزىل چەمبىرەكتىن ئۇنى تاپالايمىز. نەق ئوتتۇرىدىكى ئورۇن ئۇنى تونۇشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن. ھازىر جاڭ شۇيىڭ خىزمەتتە ئۇتۇق قازانغان بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا نيۇيوركتا كىنو سۈرەتكە ئېلىۋاتىدۇ.

دىلرابا كىچىكىدىن تارتىپلا گۈزەل بولۇپ، ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس ئېگىز قاڭشىرى ۋە چوڭ كۆزى بىلەن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. بۇ ياندىن تارتىلغان باكلاۋۇرلۇق بۆكىنى كىيگەن سۈرىتىدە، قاش-كۆزلىرى شۇنداق جايىدا بولۇشتىن سىرت، ئوماق ھەم چىرايلىق چىققان. دىلرابانىڭ گۈزەل جامالىغا مەستلىكىڭلار كەلدىمۇ؟

بۇ سۈرەتتىمۇ دىلرابا قاراشتىن يارقىن نۇقتا، جانلىقلىقى ۋە ئوماقلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

يىياڭ چيەنشىنى بىز كىچىك چېغىدىن باشلاپ تونۇشقا باشلىغان، ئۇنىڭ بۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش سۈرىتىدىكى جانلىق ئوقۇغۇچىلار توپىدىن، يىياڭ چيەنشىنى تېزلا تاپالايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ.

گۈەن شياۋتۇڭ ھازىر تېخى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرمىدى، بۇ ئۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سۈرىتى. ئۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ چېغىدىلا قىز ساۋاقداشلىرىدىن پەرقلىقلىق. چېچىنى ئارقىغا تاراپ بىرلا بوغۇشى، ئۇنى تېخىمۇ پاكىز ھەم چىرايلىق كۆرسەتكەن. بۈ سۈرتنى تارتقانمۇ ئۆزى، ئەڭ يارقىن نۇقتىمۇ ئۆزى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنىمۇ ئۆزى. گۇەن شياۋتۇڭ تىرىشچان ياشلارنىڭ ۋەكىلى، ئۇنىڭ ھازىرقىدەك نامىنىڭ چىقىشىغا، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى سەۋەبچى بولغان.  

مەنبە نۇر تورى

最新回复 (0)
返回
发新帖