标王 热搜: ios278  yxxueyuan  zhongbaozhifu  kuailefu1  hehe278  jkbxzk  taslydajiankang  yiqing-art  wizteng  duzhecn  ycgdxw  lengxiaohua2012  优识营销学院  bwgjwsw  xinmeitiyingxiao_leo 
 
当前位置: 首页 » 微信图文 » 电子商务 » 正文

يانفونغا بۇ سانلارنى كىرگۈزسىڭىز، ۋايفاينىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ!

发布日期:2018-01-11   微信公众号名称:网店市场浏览次数:1007放大字体  缩小字体

ئېلان قۇبۇل قىلىش ئۈندىدارى :  tallabaza123

ئۆيىڭىزدىكى سىمسىز تورنىڭ سۈرئىتى ئاستا تۇيۇلامدۇ؟ كىنو كۆرگەن ياكى ئويۇن ئوينىغاندا دائىم قېتىۋالامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، يانفونىڭىزنىڭ تەڭشىكىنى ئازراقلا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز، بۇ باش قېتىنچىلىقىدىن قۇتۇلىسىز.

ئالما يانفونى ۋە ئايپەدلەردە

1-قەدەم: يانفوننىڭ تەڭشىكى (设置) نى ئېچىپ، سىمسىز دائىرىلىك تور (无限局域网)نى چېكىڭ.

2-قەدەم: ئۆزىڭىز كىرگەن سىمسىز دائىرىلىك تورنى ئېچىڭ ھەم ئاستىدىكى DNS تەڭشىكىنى چېكىڭ.

3-قەدەم: ئاپتوماتىك ئەندىزە (自动模式)نى بىكار قىلىپ، قولدا تەڭشەش (手动) ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىڭ.

4-قەدەم: «114.114.114.114» دېگەن رەقەملەرنى كىرگۈزۈپ، ئۈستى تەرەپتىكى ساقلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇ ھامان تېزلىشىدۇ.

ئاندىرويىد يانفونلىرىدا

1-قەدەم: يانفون تەڭشىكى (设置) نى ئېچىپ، سىمسىز دائىرىلىك تور (无限局域网)نى چېكىڭ.

2-قەدەم: ئۆزىڭىز كىرگەن تورنى تېپىپ، ئۆزىڭىز ئۇلانغان سىمسىز دائىرىلىك تورنى چېكىڭ.

3-قەدەم: ئاستىدىكى تۇرغۇن IP (静态IP) نى چېكىڭ.

4-قەدەم: ئاندىن ئاستى تەرەپتىكى DNS1 نى تېپىپ، ئەسلىدىكى سان-سىفىرلارنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، «114.114.114.114» دېگەن رەقەملەرنى كىرگۈزۈپ، ساقلاش كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا، سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇ ھامان تېزلىشىدۇ.

114.114.114.114 دۆلىتىمىزدىكى  كۆچمە خەۋەرلىشىش، تېلېگراف، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئورتاق ئىشلىتىدىغان  ئانالىزاتور (DNS) بولۇپ، يانفون ۋە كومپيۇتېردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، پاكىز، ئېلان يوق، نىسبەتەن ئېيتقاندا ئانالىز ئۈنۈمدارلىقى تېخىمۇ يۇقىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئابونېنتلار كۆپرەك ئىشلىتىدۇ، سۈرئىتى تېز ۋە مۇقىم. 114 ئانالىزاتورى (114dns)نىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تۈگۈن نۇقتىسى بار. DNS مۇلازىمېتىرى سىزگە قانچە يېقىن بولسا سىمسىز تورىڭىزنىڭ سۈرئىتى شۇنچە تېز بولىدۇ.

قىش كىرىپ ھاۋا سوۋۇپ كېتىۋاتىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. ئادەمغۇ قېلىنراق كىيسە چىداپ كېتەلەيدۇ، لېكىن يانفونىڭىز بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. يانفونىڭىزنىڭمۇ ھالىغا يېتىپ قويۇڭ

微信号"网店市场"更多图文
手机版扫描敬请
点击微信图标
相关评论
标题图片(点击图片查看大图)
يانفونغا بۇ سانلارنى كىرگۈزسىڭىز، ۋايفاينىڭ سۈرئىتى تېزلىشىدۇ!
电子商务微信图文周排行榜
 
| |首页 | 联系方式 | 支付或捐赠 | 微信公众号 | 网站地图 | 广告服务 | 网站留言 | 提交百度 | 百度分享,返回页首 | 粤ICP备13026103号-2| 52114公众号52114公众号| 个人微信号52114公众号
本站部分内容来自互联网,如有任何版权侵犯或其他问题请与我们联系,我们将立即删除。